چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى
شىبە ئۆسمۈرلىرى مەركەزلەشكەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ،
چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشىنىڭ 7 - يىلى (مىلادى 1882 - يىلى) قۇرۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قانچە قېتىم كۆچۈپ،
1982 - يىلى ئەسلىدىكى ناھىيىلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ شىبە، خەنزۇ مەكتەپلىرىگە ئايرىلىپ، ھازىرقى ئىسمى قوللىنىلغان. مەكتەپنىڭ
ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1991 كۋادرارت مېتىر. باغچا شەكلىدە قۇرۇلغان مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى
يىللاردىن بۇيان <ئاھاڭغا قاراپ خەت تونۇش، بالدۇر ئوقۇپ يېزىش>، <ھازىرقى زامان باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكىسى>، <نىشانلىق ئوقۇتۇش>
قاتارلىق كۆپ خىل ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ بارغان. <سەمىمىي، تىرىشچان، ئىتتىپاق، يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان بولۇش> تەك
مەكتەپ ئىستىلى تىكلىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1987 - يىلى مەملىكەتلىك ئاۋانگارت ئۆسمۈرلەر ئەترىتى خىزمەت
گۇرۇپپىسى كومىتېتى تەرىپىدىن <قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتى> دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 1999 - يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 41
نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 12، ئوقۇغۇچى سانى 551 نەپەر.