ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى
- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى غەربى چوڭ كۆۋرۈك قىزىل تاغنىڭ ئېتىكىدە قۇرۇلغان. 1937 -
يىلى دىخۇا ناھىيىلىك 3 - باشلانغۇچ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1943 - يىلى دىخۇا شەھەرلىك 2 - مەركىزىي خەلق باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىپ
ئۆزگەرتىلگەن. 1956 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1 - دارىلمۇئەللىمىن تارماق باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سايباغ رايونلۇق
مائارىپ ئىدارىسىگە تەۋە. 1959 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى
9352 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 4447 كۋادرات مېتىر. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتى، ئاپتونوم
رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشىغا يېتەكچى
تەجرىبە مەكتەپ، ئاپتونوم رايونلۇق ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى
- كېيىن بولۇپ <توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى سىنىقى>، <ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك
قىلىش سىنىقى>، <ماتېماتىكا نىشانلىق ئوقۇتۇش سىنىقى> قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك ئوقۇتۇش
ئىسلاھات سىناق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. مەكتەپتە سەنئەت تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ، تۆت قېتىملىق مۇزىكا
كۈچەيتىش سىنىپى ئاچقان. مۇزىكا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان. 1999 - يىلدىكى رەسمى ئوقۇتقۇچى سانى
65 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 23، ئوقۇغۇچى سانى 1300 نەپەر.