UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىخوجىنىيازنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى تەكلىپى

خوجىنىيازنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى تەكلىپى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملىرى - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوجىنىياز ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ بولۇپ، بۇ تەكلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 167 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋە مائارىپ نازارىتىگە تاپشۇرۇلۇپ يولغا قويۇلغان. خوجىنىياز تەكلىپنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: (1) تەھرىرلىك كومىتېتىدا ئۇيغۇرچە دەرسلىك ماتېرىياللار تەھرىر بۆلۈمى تەسىس قىلىش، چەت ئەلدىن ئۇيغۇر ئىختساسلىق خادىمدىن 4 ~ 5 نەپەر تەكلىپ قىلىش، يەرلىك ئۇيغۇر مۇنەۋۋەر خادىملار بىلەن بىرگە، ئەينى زاماننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دىنىي ئادەتلەر، ئۆرپ - ئادەتلەر، يەرلىك تارىخىي تەرەققىياتنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۆۋەن يىللىقلاردا قوللىنىلىدىغان دەرسلىك كىتاب قىلىپ تۈزۈش، بۇنى مائارىپ نازارىتىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر تۇتاش قوللىنىش. (2) ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش، ئالدى بىلەن ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، مەبلەغ سېلىپ مائارىپنى كېڭەيتىش. (3) خەنزۇ - ئۇيغۇرلارغا ئورتاق دەرسلىك ماتېرىياللارنى تۈزۈشنى توختىتىپ، خاتالىقتىن ساقلىنىش، خەلقنىڭ خاتا چۈشەنچىدە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئايرىم تۈزۈش. (4) تۆۋەن دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتمەسلىك، ئالىي دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە ئازىراق ئۆتۈش، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە چىققاندىن ئاندىن ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە ئارىلاش ئۆتۈش. (5) ئوتتۇرا مەكتەپ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ئاساس قىلىش، مەخسۇس خادىم ياكى داڭلىق شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، دەرس ئۆتۈشكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش، ئۇلار كەسپى ھەۋەسكە باي بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، كېرەكلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىرىش. (6) ھەر قايسى مەكتەپ رەھبەرلىرى مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاپ چىقىپ، ياشلارنىڭ ئەقلىي - ئەخلاقىي جەھەتتىن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسەتنى چوڭقۇر تونۇتۇشنى ئاساس مەقسەت قىلىپ، يېڭى شىنجاڭنىڭ قورغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش. (7) ھۆكۈمەت تاشكەنتتىن بارلىق ئۇيغۇرچە باسما ماشىنا ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئورنىتىش، ياكى خەلقنىڭ پۇل توپلاپ ھۆكۈمەتكە مەلۇمات بەرگەن ئاساستا سېتىۋېلىشقا رۇخسەت بېرىش، كىتابلارنى بېسىشتا ھۆكۈمەتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن باسمىغا بېرىش.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى