شىنجاڭ ماددىي ئەشيالار مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن
قۇرۇلغان مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكى سودا
نازارىتىگە تەۋە. بۇ مەكتەپ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم، رادىئو - تېلېۋىزىيە
ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇشنى بىر گەۋدە قىلغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوبوروت كەسىپتىكى ئىشچىلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش ۋە
شىنجاڭدىكى تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيىلەيدىغان بازا، ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كومپيۇتېر قوللىنىش، بازار مۇلازىمىتى،
ئىقتىساد ئۇچۇر باشقۇرۇش، كارخانا ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش، مالىيە بوغالتىرلىقى، سودا كاتىباتلىقى، سودا خەنزۇ تىلى، بوغالتىرلىقنى
كومپيۇتېرلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلى ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ <2+3> ئوقۇش
تارىخى سىنىپىنى ئاچقان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10000 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 7000 كۋادرات
مېتىر بولۇپ، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 43 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 689 نەپەر.