UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپى<شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى>

<شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى>

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى <شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> (تەبىئىي پەن نەشرى). 1997 - يىلى نەشر قىلنىشقا باشلىغان. ئەسلى ژۇرنال نامى <شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى> بولۇپ، 1983 - يىلى نەشر قىلىنغان. 1994 - يىلى ئىلمىي ژۇرنال دۆلەت ئىچى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرىغا ئېرىشكەن. پەسىللىك 16 فورماتلىق ژۇرنال بولۇپ، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلغان ئىلمىي ژۇرنالدىن ئىبارەت. بۇ ژۇرنالدا ئاساسلىقى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، يېزا ئىگىلىك ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ھايۋانات ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، بىئولوگىيە ئىلمىي ۋە تېخنكىسى، باغ ئورمان قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى، كومپيۇتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق پەنلەر ھەمدە كىرىشمە پەنلەرنىڭ تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلىرى، تەتقىقات خەۋەرلىرى قاتارلىقلار بېسىلىدۇ. مەزكۇر ژۇرنال ھازىر 4C خەلقئارا ھۆججەت شىفىر ئامبىرى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىرقانچە مەملىكەت خاراكتېرلىك ھۆججەت شىفىرى ئامبىرى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن، 1997 - 1999 - يىلى ئىلگىر - كېيىن بولۇپ جۇڭگو ئىلمىي ژۇرنال نۇرلۇق دېسكا نەشر نۇسخىسى، جۇڭگو بىلىم ئاساسى ئىنژېنىرلىرى (CKNI) ۋە شىفىر تور مەركىزىگە تۇنجى تۈركۈمدە كىرگۈزۈلگەن تور بېتىدىكى ژۇرنال بولۇپ قالغان. 2000 - يىلى دۆلەت ئاخبارات نەشرىياتى مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى <شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> پەسىللىك 16 فورماتلىق ژۇرنال بولۇپ دۆلەت ئىچىدە ئاشكارا تارقىتىلدى. دۆلەت ئىچى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى CN65-12101/C. بۇ ژۇرنالدا ئاساسلىق ماركسىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، پەلسەپە، دىن، ئىجتىمائىي پەن، سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، تەنتەربىيە، تىل، يېزىق، ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ئېكولوگىيە ئىلمى، بىخەتەرلىك ئىلمى، كىتاب ئاخباراتى ئىلمى، ئاخبارات تارقىتىلىش ئىلمى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلر ئېلان قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى