UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئىككى دەرسلىك

ئىككى دەرسلىك

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم نەزەرىيىسى ۋە ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسلىكىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە <ئىككى دەرسلىك> نىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا سىستېمىلىق بولغان ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق يول. <ئىككى دەرسلىك> تەربىيىسى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماركسىزملىق مەيدانى، كۆز قاراش، ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئىگىلىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى ۋە ياردەم بەرگىلىك بولىدۇ. ئۇلاردا توغرا بولغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى ۋە لۇشيەنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشتىكى مۇستەھكەم بولغان نەزەرىيىۋى ئاساسنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ. <ئىككى دەرسلىك> تەربىيىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە <ئىككى دەرسلىك> تەربىيىسىنىڭ ئېچىلىشى بىر تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىنكېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلدى. دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئېنىق ھالدا بارلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە چوقۇم ماركسىزم نەزەرىيىسى دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ سوتسىيالىستىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. شۇنداقلا سوتسىيالىستىك مائارىپ ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسەتلەرنىڭ بىرى ھەمدە سوتسىيالىستىك ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كاپىتالىستىك ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ مۇھىم بەلگىسى. دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تارىخى، ماركسىزملىق پەلسەپە، ماركسىزملىق سىياسى، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى، سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىك) تارىخى قاتارلىق تۆت خىل قوشۇمچە سىياسىي نەزەرىيىۋى دەرسلىك تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپتە ئومۇميۈزلۈك ئىنتىرناتسىئونالىزم تەربىيىسى، ئېقىم ۋە سىياسەت تەربىيىسىدىن لېكسىيە ئېلىپ بېرىلدى. سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىك) تارىخى، سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى، دەرسلىك ماتېرىياللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەرسلىكىدىن تەرجىمە قىلىندى. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئومۇمىي سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە دەرسلىكىنى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كەلمىگەن مەزمونلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تارىخى، ماركسىزم پەلسەپىسى، ماركسىزملىق سىياسىي - ئىقتىساد ئىلمى دەرسلىكى قاتارلىقلارنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىپ، ئۇلارنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي سىياسىي دەرسلىكلىرگە ئاساسىي پەنلەر قىلىپ بېكىتتى ھەمدە ئوقۇتۇش پىلانى ئىچىگە كىرگۈزدى. <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> ئون يىللىق ئىچكى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي سىياسىي دەرسلىكى باشقا ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇنتىزم بولغان ماركسىزم نەزەرىيىسى دەرسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تارىخى، ماركسىزملىق پەلسەپە قائىدىلىرى، ماركسىزملىق سىياسىي - ئىقتىسادشۇناسلىق قائىدىلىرى قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يەنە ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسى ۋە پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسەت دەرسى تەسىس قىلىنغان. 1984 - يىلى مەركىزىي تەشۋىقات مىنىستىرلىكى بىلەن مائارىپ مىنسىتىرلىكى <ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم نەزەرىيە تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە> نى ئېلان قىلدى. مەركەزنىڭ ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ماركسىزملىق نەزەرىيە دەرسلىكىنىڭ مەزمونى ۋە ماتېرىيالىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قايتىدىن ئومۇمىي سىياسىي دەرسلىكنى تەسىس قىلدى. يەنى جۇڭگو ئىنقىلاۋى تارىخى، ماركسىزم قائىدىلىرى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى، يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئىدىيىۋى - ساپا تەربىيىسى، كەسپىي ئەخلاق، كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى قاتارلىق ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسلىكلىرىنى قوشۇپ تەسىس قىلدى. 1987 - يىلدىن كېيىن يەنە ۋەزىيەت ۋە سىياسىي توغرىسىدا لېكسىيە، خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىساد قاتارلىق پەنلەرنى كۆپەيتتى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا مەركەز مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەكتەپلەردە يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەزىيىسىنى ماركسىزملىق نەزەرىيە تەربىيىسىنىڭ مەركىزىي مەزمونى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مەركەزنىڭ ئوقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم نەزەرىيىسى دەرسى ۋە ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، پەيدىنپەي ماركسىزملىق نەزەرىيە دەرسلىرى ۋە ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسلىرىنىڭ دەرس تەسىس قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىقتى. بۇ ئاساستا، مەركىزىي تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مائارىپ كومىتېتى 1998 - يىلى <ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ >ئىككى دەرسلىك< پەنلىرىنى تەسىس قىلىش بەلگىلىمىلىرى ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە بولغان پىكىر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش> نى تارقاتتى. ئوقتۇرۇشتا، ماركسىزملىق نەزەرىيە دەرسلىرىدە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ماركسىزملىق پەلسەپە قائىدىلىرى، ماركسىزملىق سىياسىي - ئىقتىساد ئىلمىي قائىدىلىرى، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە، ھازىرق زامان دۇنيا سىياسىي ۋە ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىش، ئىدىيە ئەخلاق دەرسلىرىدە، ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىسى، قانۇن ئاساسلىرى، ۋەزىيەت ۋە سىياسەت قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىش بەلگىلەندى. بۇ ئارقىلىق <ئىككى دەرسلىك> نىڭ ئاساسىي دەرسلىك مەزمونى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، <ئىككى دەرسلىك> ئوقۇتۇشى يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى