UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئاساسىدا 1982 - يىلى 2 - ئايدا قۇرۇلغان. شۇ چاغدىكى ئورنى شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتى ھويلىسى ئىچىدە ئىدى. 1996 - يىلى 2 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52 - باشلانغۇچ مەكتەپ، يولۇچىلارنى توشۇش شىركىتى پەرزەنتلەر مەكتىپى، ئۆكتەبر تراكتور زاۋۇتى پەرزەنتلەر مەكتىپى بىرلىشىپ، مەدەنىيەت سارىيى يولى 4 - نومۇرغا كۆچۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ دېيىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5964 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 3421 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ ئىدى. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 70 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 19، ئوقۇغۇچى سانى 545 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ | UyghurWiki | UyghurWiki