UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىياڭجىڭ مەدرىسى

ياڭجىڭ مەدرىسى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى ئىلى جياڭجۈنى ماگۇاڭ 1903 - يىلى ئىلىدا قۇرغان چەتئەل تىلى ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولۇپ، بىر سىنىپتا 40 ئادەم ئوقۇغان، ئوقۇش چەكلىمىسى تۆت يىل بولغان. مانجۇ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلىرى بولغان. ئوقۇغۇچىلار مانجۇلارنىڭ گازارمىسىدىكى 15 ياشقا توشقان بالىلاردىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى مانجۇ - خەنزۇ تىللىرى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغانلار، ئۇلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مانجۇ، موڭغۇل، خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چەت ئەل تىلى ھەرپلىرىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىمتىھان ئارقىلىق 10 ئادەمنى تاللاپ، ئالما - ئاتاغا ئۈچ يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ياڭجىڭ مەدرىسى | UyghurWiki | UyghurWiki