UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئىشچى - دېھقانلار ئىشتىن سىرتقى مائارىپى

ئىشچى - دېھقانلار ئىشتىن سىرتقى مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرنىڭ باشلىرىدا نازارىتى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مائارىپىنى يولغا قويدى. مائارىپنىڭ ئوبيېكتى ئاساسى قاتلام كادىرلىرى، پارتىيە - ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش ئىشچىلىرى ئىدى. بۇ مائارىپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىشچىلىرى ئىچىدىكى ساۋاتسىزلارنى تۈگىتىش ھەمدە بۇ ئاساستا،ئىشتىن سىرتقى دەرىجىلىك باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسەت ۋە پەن - تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت. 1959 - يىلى، يېزا ئىشتىن سىرتقى مائارىپى كەسىپى ئىشتىن سىرتقى مائارىپ بىلەن قوشۇلۇپ، ئىشچى - دېھقانلار ئىشتىن سىرتقى مائارىپى دەپ ئاتالدى. بۇ مەكتەپلەر <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي> نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، 1973 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1974 - يىلى 8 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتىن سىرتقى مائارىپ كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى