ئالتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
بۇ مەكتەپ 1965 - يىلى ئالتاينىڭ خۇڭدەن يېزىسىد قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا يېرىم تېرىقچىلىق،
يېرىم ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئالتاي تېرىقچىلىق پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئاتالغان.
1972 - يىلىنىڭ بېشىدا ئالتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن. پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى يۇلغا قويۇلغان.
1985 - يىلى بۇ مەكتەپ ئالتاي شەھەرلىك جىن شەن شىمالىي يولغا كۆچۈپ كەلگەن. 1984 - 1991 - يىللىرى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم
ئاشۇرۇش مەكتىپى، شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالتاي شۆبە مەكتىپى بۇ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ بىر يۈرۈش
رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئۈچ خىل ۋىۋىسكا شەكىللەنگەن ھەم ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى
تەربىيىلەشنى ھەم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەش ۋە ئوقۇش تارىخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان.
1997 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىس - تۈتەكسىز مەكتەپ دەپ نام بېرىلگەن.
قازاقچە ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپتە تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل - سەنئەت، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ، تىل، تەرجىمە، ئەمگەك
تېخنىكىسى قاتارلىق سەككىز كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلى كەسپىي ۋە ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلار 104 نەپەر (ئالىي دەرىجىلىك لېكتور 17
نەپەر، لېكتور 56 نەپەر). مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 675 نەپەر بولغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 4913 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن. مەكتەپنىڭ يەر
كۆلىمى 299700 كۋادرات مېتىر. مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرى 21000 كۋادرات مېتىر. يەنە ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا تەجرىبە بىناسى، گۈزەل سەنئەت
بىناسى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. ساقلانغان كىتابلار 30000 پارچىدىن ئاشىدۇ.