ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى <ئىككى جەھەتتىن تولۇقلاش>
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
بۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تولۇقلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئوبيېكتى 1968 دىن 1980 - يىلىغىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن 1971 - يىلدىن 1980 - يىلىغىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىدى. ئەمەلىي سەۋىيىسى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن
سەۋىيىگە يېتەلمىگەنلەرگە مەدەنىيەت دەرسى، مەخسۇس كەسپىي مەشىقتىن ئۆتمىگەن ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە تېخنىكا دەرسى تولۇقلىناتتى. مەدەنىيەت دەرسلىكلىرىدىن ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تارىخ، بىئولوگىيە، چەت ئەل تىلى (مىللىيلارغا خەنزۇ تىلى) قاتارلىقلار ئۆتۈلەتتى. 1980 ~ 1985 - يىللىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى جەھەتتىن تولۇقلىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 608 مىڭغا يەتكەن. <ئىككى جەھەتتىن تولۇقلاش> مەدەنىيەت دەرسىدىن لاياقەتلىك بولغانلار 128 مىڭغا يېتىپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %70.34 بولغان. تېخنىكا دەرسىدىن لاياقەتلىك بولغانلار 249 مىڭغا يېتىپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %68.01 بولغان.