UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىتۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ پۈتۈن ۋىلايەت مائارىپ ئىشلىرىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى فۇنكىسىيىلىك تارماق. 1975 - يىلى تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت يولىدا قۇرۇلغان. تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى دەپ ئاتالغان. 1976 - يىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى ۋە تۇرپان ناھىيىلىك مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ بىرلىكتە ئىش بېجىرگەن. 1983 - يىلى تۇرپان مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسىغا ئۆگەرتىلگەن. 1986 - يىلى 7 - ئايدا مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ باشقارمىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1997 - يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. كومىتېت ئىشخانىسى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، ئىدىيىۋى - سىياسىي مائارىپ بۆلۈمى، مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى قاتارلىق بەش فۇنكىسيىلىك بۆلۈم ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئشىخانىسى (خۇلاسە ئىمتىھان ئىشخانىسى) ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئۈسكۈنىلىرى پونكىتى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئىشخانىسى، مائارىپ ئشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئالتە كەسىپ بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. بۇ ئورۇننىڭ شتاتى جەمئىي 56 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي شتات 19، كەسپىي شتات 37. تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، توقسۇن ناھىيىسى ۋە ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى | UyghurWiki | UyghurWiki