UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ ئەسلى ئاساسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تېخنىكا مەكتىپى بولۇپ، 1973 - يىلى ئۈرۈمچى شىمالىي بېيجىڭ يولى 9 - نومۇردا قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 79333 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 17517 كۋادرات مېتىر. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى باشقۇرىدىغان تۆمۈريول مىنستىرلىكىگە تەۋە مەكتەپ. 1983 - يىلى تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسىپورت مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىلمەكتە. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۆمۈريول ترانسىپورتى، تۆمۈيول ماشىنىلىرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە پاراۋۇزى، تۆمۈريول سىگنالى، ئۇنىۋېرسال تېلېگراف، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، ئېلېكترلەشكەن تېخنىكىسى ۋە قوللىنىش، ماشىنىسازلىق تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قۇرۇش قاتارلىق سەككىز خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. تەجرىبىخانا، پراكتىكا مەيدانىدىن 33 نى قۇرغان، ئۈرۈمچى غەربىي پويىز ئىستانسىسىدا مەكتەپ سىرتقى پراكتىكا بازىسى بار. مەكتەپ ئىچىدە تەنتەربىيە سارىيى، مۇستەقىل كۇتۇپخانا ۋە ئېلېكترلەشكەن قىرائەتخانا بار بولۇپ، ساقلىنىۋاتقان كىتاب 186377 پارچە، مەكتەپ كومپيۇتېر تورى جۇڭگو ئاممىۋى كۆپ مىدىئانلىق ئالاقىلىشى تورى، تور بېكىتى ۋە سىستېمىسىنى قۇرغان ھەمدە تۆمۈريول ئىدارىسى سىملىق تېلېۋىزىيىسى بىلەن تورلاشقان مەكتەپ يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسىنى قۇرغان. 1994 - يىلى دۆلەتلىك مائارىپ تۆمۈريول مىنىستىرلىكى مائارىپتىكى ئىلغار ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 1998 يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلى تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالىشىغا قاتنىشىپ، بارلىق قاتناشتۇرۇلغان كەسىپلەر ئەلا بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ شتاى 84. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 82 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1648 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 6000 نەپەردىن ئارتۇق كەسپى خادىم تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki