UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىزمائارىپى

ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىزمائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى پېداگوگىكا مائارىپى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمىنى يېڭىلايدىغان، بىلىمنى تولۇقلايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان تەربىيىدىن ئىبارەت. بۇ خىل تەربىيە ئوقۇتقۇچىلار ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، ھەتتا دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆمۈر بويى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىشتىن سىرت، ئىشتىن يېرىم ئايرىلىش، خىزمەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز تەربىيە خىزمىتى <8 - بەش يىللىق پىلان> مەزگىلدەى باشلانغان بولۇپ، 10 يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى لاياقەتلىك بولۇش نىستىبى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 1992 - يىلدىن 1999 - يىلغا قەدەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 10 پىرسەنت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 30 پىرسەنت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بولسا 22 پىرسەنت ئەتراپىدا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 1999 - يىلى يازدىن ھازىرغا قەدەر تولۇقسىز ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 62000 ( بىڭتۈەن سىرت) ئوتتۇرا - باشلانغۇچ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز تەربىيە كۇرسىغا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 37500 نەپەر، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 24000 نەپەر، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى 500 نەپەر ئەتراپىدا بولۇپ، تەربىيىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار سانى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئومۇمىي ئوقۇتقۇچىلار سانى ئىچىدە 35 پىرسەنتلىك نىسبەتنى ئىگىلىدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىزمائارىپى | UyghurWiki | UyghurWiki