UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ گۇاڭخۇا خۇسۇسىي مەكتىپى

شىنجاڭ گۇاڭخۇا خۇسۇسىي مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە مەكتەپ ئەسلىدىكى شىنجاڭ بانكا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ بىناسى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى 100 گىمۇ يەتمەيتتى. ئوقۇتقۇچىلىرى 30 نەپەردىن ئارتۇق ئىدى. مەكتەپ ۋاقىتقا بۆلۈپ 120 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونى دىۋوپۇ رايونىدا كۆپ ئىقتىدارلىق زامانىۋىلاشقان، باغچىلاشقان. 4000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى سىغدۇرالايدىغان، زامانىۋى مەكتەپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان. بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشتا ئوقۇتۇش بىناسى، ئىلىم - پەن مەركىزى، سەنئەت مائارىپ مەركىزى، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسى، ئاشخانا قاتارلىقلار سېلىنغان بولۇپ، 2000 - يىلى كۈزدە رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ خۇۋەييۈ مەكتەپ نامىنى يېزىپ بەرگەن. 2000 - يىلى 95 ئوقۇتۇش سىنىپى، 2700 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ، خۇسۇسىي ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالدى. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كىچىك سىنىپلىق ئوقۇتۇش، دەرىجىگە ئايرىپ ئوقۇتۇش، قاتلامغا ئايرىپ مەشىق قىلدۇرۇش، قاتلاملار بويىچە ئىمتىھان ئېلىشتەك ئالاھىدە مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نىشانىنى باشقۇرۇش، تۈزۈمىنى باشقۇرۇش، جەريانىنى باشقۇرۇش ۋە دائىملىق باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى بېيىتىپ ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇپ، پىئانىنو، ئېلېكترونلۇق رويال، ئىسكىروپكا، ئاككوردىيون، ئۇسسۇل، مۇزىكا، خەتتاتلىق، رەسىم، قورشاۋ شاھمات، ۋاسكېتبول، پۇتبول، تىكتاك توپ، پەي توپ، ۋالىبول، يېنىك ئاتلېتكا، كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى، ناتىقلىق، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش، نۇسخا يىغىش قاتارلىق كۆپ خىل ھەۋەسكارلار كۇرۇژۇكىنى ئاچتى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ گۇاڭخۇا خۇسۇسىي مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki