شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
ئەسلى نامى ئۈرۈمچى نېفىت مەكتىپى بولۇپ، ئەسلى ئاساسىي 1955 - يىلى قۇرۇلغان نېفىت سانائەت
مىنىستىرلىكى ئۈرۈمچى نېفىت مەكتىپى ئىدى. 1958 - يىلى 8 - ئايدا ئۈرۈمچى نېفىت مەكتىپى ئاساسىدا شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان.
1962 - يىلى خەلق ئىگىلىكى تەڭشىلىپ، شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. 1964 - يىلغا كەلگەندە بارلىق
ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپ تاقالغان. 1983 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى شىنجاڭ نېفىت
ئىنستىتۇتى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەستىقلىغان. مەكتەپتە ئاپتونوم رايونلۇخەلق ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ
قوش رەھبەرلىكى ۋاكالەت باشقۇرىدىغان رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى تۇرغۇزۇلغان. 1992 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ
تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە جۇڭگو تەبىئىي
گاز گۇرۇھى شىركىتىگە تەۋە بولغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 93406 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 29780 كۋادرات مېتىر. ئىنستىتۇتتا
توققۇز فاكۇلتېت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار قېدىرىپ تەكشۈرۈش فاكۇلتېتى، نېفىت قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى، خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتى،
ماشىنىسازلىق ئېلىكتر قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى، ئىقتىساد باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، كومپيۇتېر قوللىنىش فاكۇلتېتى، تەييارلىق بۆلۈمى، ئاساسىي
بۆلۈمى، ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمى قاتارلىقلار. ئالتە خىل تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار: نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى
گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش، خىمىيە سانائەت قۇرۇلۇشى، خىمىيە سانائەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماشىنىسازلىق، كومپيۇتېر ۋە ئۇنى
ئىشلىتىش، مالىيە بۇغالتىرلىق قاتارلىقلار، يەتتە مەخسۇس كۇرس كەسپىي ۋە يۆلىنىشى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ئۇلار: بۇرغىلاش، نېفىت
ئېلىش تىجارىتى؛ سانائەت سودا ئىقتىسادىي، ماشىنا رىمنوتچىلىقى ۋە باشقۇرۇش، نېفىت خىمىيە ھۈنەر - سەنئىتى، ماشىنىسازلىق لايىھىلەش ۋە
ياساش قاتارلىقلار. شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شەنشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ ۋە باشقا چېگرا رايون، ئۆلكىلەرگە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل
قىلىدۇ، تەييارلىقنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شىئەن نېفىت ئىنستىتۇتى ۋە نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ ئۆگىنىدۇ، نۆۋەتتە ئىنستىتۇتتا
280 خىلدىن ئارتۇق دەرسلىك تەسىس قىلىنغان. زۆرۈر ئوقۇشلۇق 240 خىلدىن ئارتۇق 11 تەجرىبىخانا ھەمدە پراكتىكا تەتقىقات زاۋۇتى ۋە ئېلېكترون
پراكتىكا بازىسى بار. بۇ مەكتەپ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىر سەككىز
تەتقىقات ئورنى ۋە بىر تەتقىقات ئۇيۇشمىسى بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 18500 پارچىدىن ئارتۇق. <شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتى ئىلمىي
ژۇرنىلى> 1985 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلمىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ژۇرنال بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە
تارقىتىلىدۇ. 1995 - يىلى ئىنستىتۇت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1996 - يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى
تەرىپىدىن تولۇق كۇرس ئوقۇتۇشىدا لاياقەتلىك مەكتەپ دەپ باھالانغان. 1983 - يىلى مەكتەپ ئەسلىگە كەلگەندىن تارتىپ 1997 - يىلغىچە تولۇق،
مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن 2614 نەپەرنى تەربىيىلىگەن. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 410 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچى
134 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسور ئىككى نەپەر، دوتسىنت 36 نەپەر، لېكتور 111 نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى 23 نەپەر. باشقا كەسپىي خادىملار
ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەر 28 نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەر 74 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1271 نەپەر.