شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى ئاساسىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى
ئاساسىدا 1960 - يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1962 - يىلى يەنە شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن. 1987 - يىلى 5 -
ئايدا مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا رەسمىي ھالدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى
بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال تولۇق كۇرسلۇق سەنئەت مەكتىپى بولۇپ قالغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق
مائارىپ كومىتېتىغا بىۋاستە قارايدۇ. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 67000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 15164 كۋادرات مېتىر. مۇزىكا،
رەسىم، تىياتىر، ئۇسۇل قاتارلىق تۆت كەسىپ ۋە بىر ئاساسىي ئوقۇتۇش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان، قوشۇمچە چوڭلار (كەچلىك) ئالىي مەكتىپى ۋە
ئوتتۇرا تېخنىكوم بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئىجاد قىلغان 100 دىن ئارتۇق مۇزىكا، تىياتى، ئۇسۇل
نومۇرلىرى ۋە 300 دىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كۆپ
خىل تەتقىقات تېمىسى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ھەر خىل پەنلەر بويىچە ئېلان قىلىنغان ئەسەر، تەرجىمە ئەسەر، رەسىم
توپلانمىسى 60 پارچىدىن ئارتۇق. ئىنستىتۇت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، ياپونىيە
قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونى بىلەن ئىلمىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئېلىپ بارغان. 1992
- يىلى ئىنستىتۇت ئۆمىكى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك
ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 280 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1339 نەپەر.