ئۈرۈمچى شەھەرلىك چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى
شىنجاڭ مائارىپى
چوڭلار مائارىپى
ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كادرىلار ئىشتىن سىرت ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، 1955 - يىلى 11 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى رەھبەرلىك قىلغان. 1965 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىشتىن سىرت ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1966 - يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى سەۋەبىدىن 1970 - يىلغىچە تاقىۋېتىلگەن. مەكتەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەن. 1978 - يىلى كۈزدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگ كەلتۈرگەن ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشتىن سىرت ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1983 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرت ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1987 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىلماقتا. 1993 - يىلى كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇتۇش شەكىللىرى كۆپ خىل بولۇپ، چوڭلار ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى ئاساس، قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى قوشۇمچە قىلغان بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بۇغالتىرلىق، سىتاتىستىكا،
كومپيۇتېر، كاتىباتلىق قاتارلىق كەسىپلەر ھەم كومپيۇتېر گۇۋاھنامىسى ئېلىش، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ھۆسىن تۈزۈش قاتارلىق قىسقا
مۇددەتلىك كۇرسلارنى ئاچقان ھەمدە نېفىت خىمىيە گۇرۇھى شىركىتى، سۇ پومپىسى زاۋۇتى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلك ئىدارىسى بىلەن
بىرلىشىپ سىنىپ ئاچقان. مەكتەپ شتاتى 88. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 22 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 828 نەپەر. 1987 - يىلدىن بۇيان
2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1914 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 1793 كۋادرات
مېتىر.