كورلا شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
ئەسلى ئاساسى 1977 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق 3 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ
بولۇپ، قۇرۇلغان ئورنى كورلا شەھەر باش ئەگىم يولى ئىدى. 1979 - يىلى 10 ـ ئايدا كورلا شەھىرىگ ئۆتكۈزۈلگەن. مەكتەپ نامى كورلا شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەم كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەۋە بولغان. 1989 - يىلى 9 - ئايدا تۇنجى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنپىنى قوبۇل قىلىپ، 1995 ـ يىلى 5 ـ ئايدا كورلا شەھەرلىك ئىككىنچى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كورلا شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپنى ساقلاپ قېلىپ، بىر مەكتەپ، ئىككى خىل ۋىۋىسكىلىق، ئادەتتىكى مائارىپ بىرلەشتۈرۈلگە ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. 1994 - يىلى 6 ـ ئايدا كورلا شەھەرلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، كورلا شەھەرلىك كەسپىي تولۇق
ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىنغان. ئىككى مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئادەتتىكى مائارىپدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مەخسۇس ئۇنىۋېرسال كەسپىي مەكتەپكە ئايلانغان. 1995 ـ يىلى 6 ـ ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن كورلا شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ قۇرۇلغان. كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا ساقلاپ قېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدىن كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. 1996 ـ يىلى 2 - ئايدا بۇ مەكتەپ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا قىلىپ بېكىتىلەەن. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلغان. ئىلگىرى -
كېيىن بولۇپ، مانتيورلۇق، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى رېمونت قىلىش، ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش، كومپيۇتېر قوللىنىش، مىھمانخانا خىزمەتچىلىكى، كىيىم - كېچەك تىكىش، ئاشپەزلىك، بالىلار پېداگوگىكىسى قاتارلىق 20 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 83783 كۋدرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 9310 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كومپيۇتېرخانا، تىل ئاڭلاش ئۆيى، ئېلېكتر، مانتيورلۇق تەجرىبىخانىسى، كىيىم تىكىش ئۆيى، ھۆسن تۈزەش ئۆيى، پارنىك قاتارلىق بىر يۈرۈش تەجرىبە پراكتىكا مەيدانى ۋە مەكتەپ تەۋەلىكىدىكى كارخانا ۋىنچىڭ شىركىتى بار.1998 - يىلى مەكتەپ ھازىر بار بولغان ئون نەچچە كەسىپنى تۈرلەر بويىچە ماشىنىسازلىق، مۇلازىمەت، شەھەر قۇرۇلۇش سەنئىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپكە ئايرىغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا كورلاش شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسى بۇ مەكتەپتە كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدار يېتىشتۈرۈش مەركىزىنى قۇرغان. 9 ـ ئايدا بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسى تۇرمۇش كاپالىتى ۋە قايتا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ مەكتەپنى بايىنغۇلىن ئوبلاست قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق تەربىيىلەش مەركىزى قىلىپ بېكىتكەن. 1999 - يىلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 77 نەپەرگە، ئوقۇۇغۇچى 635 نەپەرگە يەتتى.