شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايون قارمىقىدىكى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك
ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنچاڭ يولى 42 - نومۇرغا جايلاشقان. گېنىرال ۋاڭ جىن قۇرغان ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق
ئارمىيىسى 2 - پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپى ئاساسىدا 1952 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى <1 - ئاۋغۇست ئىنستىتۇتى> بولۇپ قۇرۇلغان. 1995 - يىلى
سابىق مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر
كۆلىمى 1010000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 100953 كۋادرات ېمتىر. مەكتەپ شتاتى 1892. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەكتەپتە
تەبىئىي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد، باشقۇرۇش قاتارلىق دەرسلىكلەر بىر گەۋدە قىلىنغان، دوكتور، ماگىستىر ئاسپىرانتلار
مائارىپىدىن باشلاپ تولۇق، مەخسۇس كۇرس مائارىپى، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپى قاتارلىق كۆپ قاتلاملاردىن
شەكىللەندۈرۈلگەن ئالىي يېزا ئىگىلىك مائارىپ سىستېمىغا ئايلانغان. ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، ئورمانچىلىق ئىنستىتۇتى،
چارۋىچىلىق ئىنستىتۇتى، سۇ ۋە تۇپراق قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى، ماشىنىسازلىق قاتناش ئىنستىتۇتى، ئىقتىساد سودا ئىنستىتۇتى، چوڭلار
مائارىپى ئىنستىتۇتى، يېمەكلىك ئىلمىي فاكۇلتېتى، باغۋەنچىلىك، مۇھىت بايلىقى فاكۇلتېتى، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى، خەنزۇ
تىلى بۆلۈمى، چەت ئەل تىلى بۆلۈمى، بىئولوگىيە ئاساسىي بۆلۈمى، ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى قاتارلىق يەتتە
ئىنستىتۇت ۋە توققۇز فاكولتېت، بۆلۈملەر، بىر دوكتور تەربىيىلەش نۇقتىسى ۋە 24 ماگىستىر تەربىيلەش نۇقتىسى، 45 تولۇق، مەخسۇس كۇرس
كەسپىي بەرپا قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، ئوتلاق ئىلمىي ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسىپ ھېسابلىنىدۇ.
1999 - يىلدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار سانى 7000 دىن كۆپرەككە يەتكەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 2000 دىن
كۆپرەك (ئوقۇتقۇچى 704 نەپەر)، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسور 51 نەپەر، دوتسىنت 222 نەپەر، لىكتور 301 نەپەر، مىللىي ئوقۇتقۇچى 38 پىرسەنتنى
ئىگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىنى 30 نەپەر، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىنى 173 نەپەر، پۈتۈن مەكتەپتە 15
تەتقىقات ئورنى ۋە 70 نەچچە تەجرىبىخانا بار. 46620000 كۋادرات مېتىر پراكتىكا ئورمانچىلىق مەيدانى، 2670000 كۋادرات مېتىر تەجرىبە يېزا ئىگىلىك
مەيدانى، 20 گە يېقىن پراكتىكا مەيدانى (زاۋۇتى) ۋە سىرتقا قارىتا ئىشلەپچىقىرى پراكتىكا بازىسى بار. كۇتۇپخانىدا 320000 پارچە كىتاب ساقلانماقتا.
مەكتەپ تورى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ مەملىكەتلىك <863> بىئولوگىيىلىك تېخنىكا ساھەسىدىكى زور
تەتقىقات تۈرىدىن بىرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دۆلەتنىڭ <توققۇزىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى> پاختا، ئاشلىق، ئوتلاق ۋە يېزا ئىگىلىك
ماشىنىلىرى قاتارلىق تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان. دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى ياردەم تۈرىدىن 20 نى ئۈستىگە ئالغان. نۆۋەتتە دۆلەت
دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېڭى پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش مۇلازىمەت تۈرىدىن 92 نى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. دۆلەت مائارىپ
كومىتېتى تۈرىدىن بەشنى، جۇڭگو چەت ئەل ھەمكارلىق تۈرىدىن تۆتنى، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا تۈرىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايونلۇق
پەن - تېخنىكا كومىتېتى قاتارلىق ھەرقايسى نازارەت ئىدارە تۈرىدىن 69 خىلنى ئۈستىگە ئالغان. پەن تەتقىقات تۈرلىرى ئىچىدە 11 خىل تۈر ئاپتونوم
رايون دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا، بەش خىل تۈر يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇكاپاتىغا، ئىككى خىل تۈر
يۇمشاق ئىلىم مۇكاپاتىغا، ئالتە خىل تۈر ئىجتىمائىي پەن مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار
سەۋىيىگە يەتكەن ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان تۈرلەر 18 خىلغا يەتكەن. بۇ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان كىۋەزنى قىسقا، زىچ ۋە بالدۇر يېتىشتۈرۈش
تېخنىكىسى، تاۋۇز ئۇرۇقىنى يىتىشتۈرۈش، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بېقىش قاتارلىق تەتقىقاتلار ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك - چارۋىچىلىق
تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1997 - يىلدىكى تەتقىقات تەرەققىيات نەتىجىسى مەملىكەتلىك
593 تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە 138 - ئورۇندا، 46 يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئىچىدە 13 - ئۇرۇندا، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر
ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلار 40 مىڭدىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق
مىللەتلەر ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.