ئەمگەك تېخنىكا تەربىيىسى دەرسلىكى
شىنجاڭ مائارىپى
ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار
ئەمگەك تېخنىكا تەربىيىسى دەرسلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك تېخنىكا تەربىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئاساسىي دەرسلىك، ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر بولغان دەرسلىكى. شىنجاڭدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكى 1990 - يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان. تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكى 1994 - يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكى 1996 - يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر شىنجاڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى تۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش كومىېتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە قاتارلىق يېزىقلاردا نەشىر قىلغان يەرلىك ئوقۇش ماتېرىيالىنى ئىشلىتىدۇ. 1996 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى <ئەمگەك تېخنىكىسى ۋە كەسپىي يېتەكچى دەرسلىك ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ> نى
تارقاتتى. 1997 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئەمگەك تېخنىكا تەربىيىسى مەخسوس كومىتېتى قۇرۇلدى ھەمدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. 2000 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي تۆت قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان بولۇپ، قاتناشقان ئادەم 866 نەپەر، تاللانغان ماقالە 315 پارچە، ئەلا دەرس 60 سائەتكە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئىككى قارار ئەمگەك تېخنىكا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئىككى قارار ئەمگەك تېخنىكا ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىيال تەربىيسى ئېلىپ باردى، 510 نەپەر مىللىي خەنزۇ ئوقۇتقۇچى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەربىيلەشكە قاتناشتى. ئاپتونوم
رايوندىكى ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكىگە ماسلاشتۇرغان مەشغۇلات سۇپىسى 1000 دىن ئارتۇققا، ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكى مەخسۇس سىنىپى 200 گە يەتتى، ئۈرۈمچى، كورلا، قاراماي، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئەمگەك تېخنىكا سىنىپى بار بولدى. ئاپتونوم رايون مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات تېمىسى بولغان <ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكىنىڭ دەرسلىك تىپى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى تەتقىقات> ۋە <توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيىسىدىكى ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىك ماتېرىيالىنى سىناق قىلىش ۋە تەتقىقات> قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ ئەمگەك تېخنىكا دەرسلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش تەجرىبە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى.