خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى
شىنجاڭ مائارىپى
مىللەتلەر مائارىپى
خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (HSK)، خەنزۇ تىلى ئانا تىلى بولمىغانلارنىڭ سەۋىيىسىنى
ئۆلچەش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بىر خىل ئۆلچەملىك ئىمتىھان بولۇپ، ئۇ ئوبيېكتىپ، توغرا ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ خەنزۇچە
ئەمەلىي سەۋىيىسىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ. خەلقئارادا نوپۇزلۇق. 1996 - يىلى دۆلەتلىك خەنزۇ تىلى ئىمتىھان ئىشخانىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا،
جۇڭگو خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى رەسمىي ھالدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈزلىنىپ ئىمتىھان ئېلىنىشقا باشلىغان. 1996 - يىلى
خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى پەقەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرقىسىم ئالىي مەكتەپلىرىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان. قاتناشقانلار كىشى
سانى 1556 نەپەرگە يەتكەن. ئىمتىھان ئارقىلىق شۇ ئىسپاتلاندىكى، خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى دۆلىتىمىزدىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە
ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. شۇ يىلى 9 - ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكى مىللىي مائارىپ بۆلۈمى دۆلەتلىك خەنزۇ تىلى ئىمتىھان ئىشخانىسىنىڭ
ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە ئۈرۈمىچىدە <مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىل ئوقۇتۇش تەتقىقات يىغىنى> چاقىردى. 1997 - يىلى 7 - ئايدا
مائارىپ مىنىستىرلىكى <بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە جۇڭگو خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ سىناق نۇقتىسىنى يولغا
قويۇش توغرىسىدىكى قارار> نى تارقاتتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى 1998 - يىلى مائارىپى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا خەنزۇ تىلى سەۋىيە
سىناش ئىمتىھانىنى قوشۇپ ئېلىش، ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارىي قاتنىشىش، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىگە بۆلۈش ئارقىلىق نومۇر قوشۇش
پرىنسىپىنى قوللاندى، سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. مائارىپ مىنىستىرلىكى مىللىي مائارىپ بۆلۈمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، يەنە بىر قېتىم
شىنجاڭدا HSK ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش يىغىنى ئېچىلدى. بۇ قېتىم جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى سەۋىيە
دەرىجىە ئۆلچىمى ماقۇللاندى. بۇ ئۆلچەم دۆلەت خەنزۇ سەۋىيە ئۆلچىمىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن
تۈزۈپ چىقىلغان. خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىغا، ھەتتا شىنجاڭنىڭ مىللىي
مائارىپىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1996 - يىلدىكى بىر قېتىمدا 1556 نەپەرگە،
1999 - يىلى 5 - ئايدىكى بىر قېتىمدا 15000 نەپەرگە كۆپەيدى. ھازىرغا قەدەر جەمئىي 50 نەچچە مىڭ كىشى HSK غا قاتىنىشىپ، پۈتكۈل دۇنيا بويىچە
ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ ئىمتىھان نۇقتىسىغا ئايلاندى. 1996 - يىلى HSK پەقەت تېخى سىنىپقا، دەرىجىگە بۆلۈشتىكى
ئوقۇتۇش ئۆلچىمى ئىدى. كېيىن تەييارلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۈتتۈرۈش ئۆلچىمى ھەم مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سەۋىيىسى
ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا ئايلاندى. شۇ يىلى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ HSK دە بەلگىلىك دەرىجىگە
يەتكەنلىرىنىڭ تەييارلىق ئوقۇشى كەچۈرۈم قىلىندى. HSK شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە
ناھايىتى زور رول ئوينىدى. ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا بىر يېپيېڭى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سىستېمىسى پەيدىنپەي
شەكىللەندى.