مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشى
شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى
مائارىپ تارماقلىرى مۇقىم مۈلكىنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كۆرسىتىرۇ. كونكرېت ئېيتقاندا مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن مۇقىم مۈلۈكلەرنى كۆپەيتىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھەرخىل يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ۋە يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن 50 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئاساسىي قۇۇرلۇش خىزمىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. 1998 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 8600 گە، مەكتەپ قۇرۇلۇش كۆلىمى 14 مىليون 490 مىڭ كۋادرات مېتىرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر سانى 17 گە، مەكتەپنىڭ قۇرلۇش كۆلىمى 22330000 كۋادىرىت مېتىر گە؛ چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى 27 گە؛ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 879 مىڭ كۋادرات مېتىرگە؛ ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى يەتتىگە، قۇرۇلۇش كۆلىمى 849 مىڭ كۋادرات مېتىرگە، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر 121 گە، مەكتەپ ئەسلىھەلىرى كۆلىمى 6 مىليون 490 مىڭ كۋادرات مېتىرگە، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى 511 گە، مەكتپە قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 612 مىڭ كۋادرات مېتىرگە يەتى. مەكتەپ ئاساسىي قۇرۇلۇشى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ماددىي ئاساسقا ئىگە قىلدى.