<21 - ئىيۇل> ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
- يىلى 7 - ئايدا، ماۋزېدۇڭ <شاڭخەي ستانوك زاۋۇتى قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە مەسىلىسى> دېگەن ماقالىگە تەستىق سۆزى يازغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 9 - ئايدا شاڭخەي ستانوك زاۋۇتى ئىشچىلارنىڭ ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلغان. 1975 - يىلى 11 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتىن سىرتقى مائارىپ كومىتېتىنىڭ <ئىشچى - دېھقانلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مائارىپىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، دازەيچە ناھىيىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر> نى تارقاتقان ھەمدە <21 - ئىيۇل> ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئاكتىپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1976 - يىلى شىنجاڭدا <21 - ئىيۇل> ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 323 ى بولغان. ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 3115 نەپەرگە يەتكەن. يېرىم ئىشتىن
ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4173 نەپەرگە يەتكەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن <21 - ئىيۇل> ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتى خارابلاشقان. 1981 - يىلى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن.