UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ <211 قۇرۇلۇشى>

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ <211 قۇرۇلۇشى>

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى <211 قۇرۇلۇشى> بولسا دۆلەت <جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات قوللانمىسىنى> ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىلىم - پەن ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دۇنيا، يېڭى پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ رىقابىتىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇش، يەنى 21 - ئەسىرگە يۈزلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا 100 ئەتراپىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپلەرنى قۇرۇش. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم مەكتەپ ۋە بىر تۈركۈم كەسىپلەر خەلقئارادىكى ئوخشاش تۈردىكى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ ئىلغار ۋە سەۋىيىسىگە يەتتى ۋە يېقىنلىشىۋاتىدۇ. كۆپ قىسىم مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئىختىساسلىلارنى تەربىيىلەش، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئومۇمىي جەھەتتە مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى، شۇنداقلا تايانچ ھەم نەمۇنىلىك رول ئوينىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ <211 قۇرۇلۇشى> غا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت گۇرۇپپپا باشلىقى بولغان <211 قۇرۇلۇشى> رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق <211 قۇرۇلۇشى> نى ئومۇميۈزلۈك قوللاش قارار قىلىندى. تۆت يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1996 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 -، 22 - كۈنلىرى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەييارلىق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى. 1997 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 -، 6 - كۈنلىرى تۈر بېكىتىلىش تەكشۈرۈشىدىن غەلىبىلىك ئۆتتى. 1997 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەملىكەتلىك پىلان كومىتېتى ]1997[ 2333 - نومۇرلۇق ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى <مەملىكەتلىك 211 قۇرۇلۇش> تۈرى مەكتىپى قىلىپ تەستىقلىدى. <مەملىكەتلىك 211 قۇرۇلۇشى> نىڭ مۇھىم مەزمۇنى نۇقتىلىق پەنلەر قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نۇقتىلىق پەنلەر قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇشنىڭ يادروسى. بۇ ئالتە نۇقتىلىق پەنلەر: ئاز سانلىق مىللەت تىل ئەدەبىياتى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات، شىنجاڭدىكى بايلىقلارنىڭ ھالەت مۇھىتى ۋە بىئولوگىيىلىك تېخنىكا، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى، قوللىنىشچان خىمىيە ۋە خىمىيە ماتېرىيالى، قوللىنىشچان ماتېماتىكا ۋە سىستېما قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇش؛ مەكتەپ تورى، كۇتۇپخانا، ئاممىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، نۇقتىلىق ئاممىۋى تەجرىبىخانا ھەم تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق بەش مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالىسۇ. قۇرۇلۇش نىشانى مەكتەپ بايلىقلىرىنىڭ تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاپ، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش بىناسى، سۇ بىلەن ئىسسىتىش ئەسلىھەلىرى، ئۇل ئەسلىھەلەر، مەكتەپ مۇھىتى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ، نۇقتىلىق پەنلەر، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى بولغان مەكتەپ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى يارىتىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ <211 قۇرۇلۇشى> ىغا قاراتقان مەبلەغنى كۆپەيتتى. 1993 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە مەركەزدىن يەرلىككە ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 122980000 يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى <211 قۇرۇلۇشى> خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى