ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان مەخسۇس تەربىيە مەكتەپلەرنى
كۆرسىتىدۇ. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، قەشقەر پېداگوگىكا
ئىنستىتۇتى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ۋە سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن ئىبارەت بەش ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى بار
بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 13427 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي ئوقۇغۇچىلار 8260 نەپەر بولغان.