UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىمۇڭغۇللار مائارىپى

مۇڭغۇللار مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى مىللەتلەر مائارىپى موڭغۇللار مەكتەپ مائارىپىنىڭ كېلىش مەنبەسى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لاما دىنى ئېرۇت موڭغۇللىرى ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىدى ھەمدە پەيدىنپەي ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن. 1769 - يىلى ئىلى گېنىرالى، يۇڭگۇي <مانجۇ - خەنزۇ - موڭغۇل ھۆكۈمەت مەكتىپى قۇرۇشقا> بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەم رەسمىي مەكتەپلەرنى قۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، موڭغۇللار يىڭىچە مەكتەپ قۇرۇشقا باشلىغان . 20- ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى مۇڭغۇللار مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر مارئارىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېتىبار بېرىشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېرىشكەن. 1943 - يىلى موڭغۇللارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 3107 نەپەرگە يەتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن موڭغۇللار مائارىپى تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغان. 1965 - يىلى موڭغۇللارنڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 8257 نەپەرگە، كەسپىي مەكتەپتە بىر نەپەرگە، ئىشچىلار تېخنىكا مەكتىپىدە بىر نەپەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپتە 300 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتىپىدە 924 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپتە 75 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە 28 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 41 نەپەرگە يەتكەن. موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 371 نەپەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر نەپەرگە، ئادەتتكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 82 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپدە تۆت كىشىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە ئۈچ كىشىگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە بىر كىشىگە يەتكەن. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن موڭغۇللار مائارىپى يېڭىچە تەرەقىياتقا ئېرىشتى. 1999 - يىلى موڭغۇللارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى بالىلار باغچىسىدا 1480 كىشىگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 19685 كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 8473 كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 2971 كىشىگە، ئادەتتىكى تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە 1620 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە 426 كىشىگە يەتكەن. موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلار بالىلار باغچىسىدا 140 كىشىگە، باشلانغۇچ مەكتەپ 2369 كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 822 كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 326 كىشىگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 70 كىشىگە، ئادەتتكى ئالىي مەكتەپتە 112 كىشىگە يەتكەن. 1999 - يىلى موڭغۇللارنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇس ئىچىدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 1237 كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 187 كىشىگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 102 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 27 كىشىگە يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى