شىخەنزە شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىخەنزە 2 - پەرزەنتلەر مەكتىپى
ئاساسىدا قۇرۇلغان، كونا ئورنى بەخت يولىدا. 1955 - يىلى يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيىسى 2 - پەرزەنتلەر مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگن. 1958 - يىلى
يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيىسى 1 - پەرزەنتلەر مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن ھەم يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيىسى ئوتتۇرا
مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپىلا تەسىس قىلىنغان. 1958 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرىغا
كۆتۈرۈلگەن. 1961 - يىلى تولۇق ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈلگەن. 1975 - يىلى شىخەنزە شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1983 - يىلى
باشلانغۇچنى ئايرىپ چىقىپ، مۇستەقىل مەكتەپ قۇرۇپ، مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان ھەم شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىغا تەۋە
بولغان. 1991 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1992 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇنىۋېرسال
ئىدارە قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ، ئىگىلىگن يەر كۆلىمى 60905 كۋدرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى
كۆلىمى 111577 كۋادرات مېتىر. تەجرىبە بىناسىنىڭ سايمانلىرى ئىلغار ھەم تولۇق. كۇتۇپخانىدا 50000 پارچە كىتاب ساقلانغان. ھەر يىلى ئاتا - ئانىلار
مەكتىپى تەسىس قىلىدۇ. شتاتى 162. 1999 - يىلدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 120 نەپەر. ئوقۇتۇش سىنىپى 37، ئوقۇغۇچى سانى 2150 نەپەر.