UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىمەكىت ناھىيىلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم

مەكىت ناھىيىلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ ئەسلى ئاساسى مەكىت ناھىيە بازار جەمئىي يېزىلىق يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، 1958 - يىلى قۇرۇلغان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئستىدا يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم ئوقۇش شەكلىدە بىر سىنىپ تەسىس قىلغان بولۇپ، 40 نەپەر ئوقۇغۇچى، ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. ئۈچ يىللىق ئوقۇش تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلغان. 1985 - يىلى 9 - ئايدا مەكىت ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. 1987 - يىلى 10 - ئايدا مەكىت ناھىيىلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. 1996 - يىلى مەكتەپ تەرەققىي قىلىپ توققۇز كەسىپ، 10 سىنىپ، 484 نەپەر ئوقۇغۇچى، 45 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولغان ھەرخىل تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تولۇق، باشقۇرۇش تۈزۈملىرى مۇكەممەل، ئوقۇتۇش ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئايلانغان ھەمدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1998 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، مەكتەپ مەكىت ناھىيىلىك كەسپىي ئوتتۇرا تىنىكومغا ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى 82584 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 3709 كۋادرات مېتىر. ئەمگەك پراكتىكا بازىسى ۋە يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئوقۇتۇش تەجرىبە پراكتىكا ئورنى قاتارلىقلار بار. ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، مالىيە بوغالتىرلىقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىقى، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېر، بالىلارپېداگوگىكىسى قاتارلىق يەتتە خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلى مەكتەپتە 35 نەپەر كەسپىي ئوقۇتقۇچى، 12 ئوقۇتۇش سىنىپى، 670 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىدى. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەربىيىلەپ چىققان ھەرخىل كەسىپتىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك خادىملار 2500 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
مەكىت ناھىيىلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم | UyghurWiki | UyghurWiki