UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقاراماي شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپ

قاراماي شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى - يىلى 9 - ئايدا قاراماي شەھىرى تارىم دەرياسى يولى شىمالىي بۆلىكىنىڭ شەرقىي يان كوچا 98 - نومۇرلۇق ئورۇندا قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 17800 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 7083 كۋدرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. 1989 - يىلى مەملىكەتلىك قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتى، 1991 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق لەينىڭدىن ئۆگىنىش مۇنەۋۋەر چوڭ ئەترىتى، 1992 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ئىلغار مەكتىپى، 1996 - يىلى مەملىكەتلىك پىئونېرلار ئۈلگىلىك مەكتىپى دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. مەكتەپ شتاتى 81، 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 58 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 28، ئوقۇغۇچى سانى 1216 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى