ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەخسۇس كۇرس مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1949 - يىلى 10 - ئايدا
ئىلى مەخسۇس كۇرس مەكتىپى ئەخمەتجان مەخسۇس كۇرس مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1951 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى
ئەخمەتجان مەخسۇس كۇرس مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم كەسپىنى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى مەكتەپتە پەقەت
پېداگوگىكا مەكتىپى كەسپىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلغان. 1954 - يىلى 9 - ئايدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە ئىلى
ئوغۇللار ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق ئىككى مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان. 1959 - يىلى
ئىلى ئوغۇللار مەكتىپى ئاساسىدا ئىلى 2 - دارىلمۇئەللىمىنى قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ئىلى 1 - دارىلمۇئەللىمى قىلىپ
ئۆزگەرتىلگەن. 1961 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە بۇ ئىككى پېداگوگىكا مەكتىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى سىنىپى قوبۇل
قىلىنغاندىن باشقا يەنە سەنئەت، تەنتەربىيە، خەنزۇ تىلى قاتارلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپىنى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىزچىل ھالدا
قازاق تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ئاچقان. 1965 - يىلغا كەلگەندە بېيجىڭ، تيەنجىن، باۋدىڭ، تاڭشەن، فۇشىن قاتارلىق
جايلاردىن 440 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۇيغۇر، قازاق تىلى كەسپىي ئالىي تېخنىكوم سىنىپىغا قوبۇل قىلغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇ
ئىككى پېداگوگىكا مەكتەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئۆكتەبر گۇڭشىسىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك
ئوقۇتقۇچىلار سىنىپى، مۇزىكا، سەنئەت، تەنتەربىيە، تەرجىمانلىق، سانائەت ئاساسى، ئۇيغۇر تىلى، ئېلېكترلىق ئوقۇتۇش، خەنزۇ تىلى، بالىلار
مائارىپى، ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان. 1971 - يىلى 2 - ئايدا 1 -، 2 - پېداگوگىكا مەكتەپ قوشۇلۇپ،
ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1975 -، 1977 - يىلغىچە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئۆكتەبر گۇڭشىسىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان
ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار غۇلجا شەھىرىدىكى ئەسلىدىكى 1 - دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئورنىغا قايتا كۆچۈرۈلگەن. 1978 - يىلى ئالىي تېخنىكوم
سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1980 - يىلى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىلى
پېداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان. 1985 - يىلى 5 - ئايدا ئىشتىن سىرت ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلىنغان.
1987 - يىلى 7 - ئايدا دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى
تولۇق كۇرس كەسپىگە باكلاۋېرلىق ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ بولۇپ قالغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارپ
كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا مەكتەپتە ئىلمىي كومىتېتى يەنى باكلاۋېرلىق ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى
199800 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 20217 كۋادرات مېتىر، زامانىۋى تىل تەجرىبىخانىسى، كومپيۇتېر، ئېلېكترلەشكەن
ئوقۇتۇش ئىشخانىسى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بار. كۇتۇپخاندا ساقلىنىۋاتقان كىتاب سانى
300000 پارچىدىن ئارتۇق. ئوقۇتۇش خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تولۇق كۇرس مائارىپى ئاساس قىلىنىدۇ. ئوقۇش يىلى تۆت يىل
(مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تەييارلىق ئوقۇيدۇ). تولۇق كۇرس كەسپىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپتە توققۇز فاكۇلتېت، بۆلۈم، 19 پېداگوگىكا
كەسپى، توققۇز غەيرىي پېداگوگىكا كەسپى، ئىشتىن سىرت (كەچلىك) ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئامېرىكا،
نورۋىگىيە، ئاۋسترالىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان.
ئامېرىكا، ئەنگلىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئىنستىتۇت يەنە
شىنجاڭ تاڭجارىق تەتقىقات جەمئىيىتى، قازاق مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنى، مائارىپ ئىلمى تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلغان بولۇپ، قازاق، خەنزۇ
تىلى يېزىقىدا مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى چىقىرىلىدۇ. نۆۋەتتە ئىنستىتۇت غەربىي يۇرت تەتقىقاتى، ئىلى تەتقىقاتى ۋە قازاق، شىبە مەدەنىيەت
تەتقىقاتى، تاڭجارىق تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 343 (ئالىي
دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن كىشى 76 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئونۋانغا ئېرىشكەن كىشى 235 نەپەر) ئوقۇغۇچى سانى 3600 نەپەر.