UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىسانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى

سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەسلىدىكى سانجى ئوبلاستلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومى، مالىيە سودا مەكتىپى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەكتىپى، سودا مەكتىپى، ئىقتىسادىي كومىتېت تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق ئالتە مەكتەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قۇرۇلغان، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە، ئومۇميۈزلۈك تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى قوللىنىلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 253461 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى 45626 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپتىكى ئاپپاراتلار: سىياسىي باشقارما، مەكتەپ ئىشخانىسى، ئىلمىي بۆلۈم، ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، تەربىيىلەش بۆلۈمى، قوغداش باشقارمىسى، خوجىلىق باشقارمىسى، مالىيە باشقارمىسى، ئوتتۇرا تېخنىكوم بۆلۈمى، تەرەققىيات پىلانى تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقارمىلار تەسىس قىلىنغان. تۆت پارتىيە باش ياچېيكىسى، 15 پارتىيە ياچېيكىسى، پارتىيە، ئىتتىپاق، ئىشچى، ياشلار، ئاياللار تەشكىلاتى تولۇق. كومپيۇتېر ئۇچۇر باشقۇرۇش، كومپيۇتېرنى قوللىنىش، ئېلېكتر، مانتيورلۇق، سانائەت ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش، قانۇن، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، سۇغۇرتا ۋە مۇلازىمەت، ساياھەت باشقۇرۇش قاتارلىق ئەۋزەل كەسپىلەرنى تەسىس قىلغان. كۆپ مېدىئانلىق يىراق مۇساپىلىق مائارىپ تورى ئارقىلىق جۇڭخۇا ئۇنۋىرسىتىي،بىيجىڭ ئونۋىرسىتتى .شىمال قاتناش ئۇنۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلاربىلەن ھەمكارلىشىپ يىراق مۇساپە مائارىپىنى قانات يايدۇرغان . زامانىۋى مالىيە بوغالتىرلىق تەقلىدى تەجىربىخانىسى كومپىيۇتىر قاتتىق دىسكا تەرجىربىخانىسى قاتارلىق ئەمىلىي مەشخۇلات ئەسلىھەلىرى بار.بۇنۇڭدىن باشقا ،مەكتەپ يەنە مەكتەپ -مەكتەپ،مەكتەپ -كارخانا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇروشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ،شەندۇڭ ئونۋىرسىتى،تەنجىن ئونۋىرسىتى،شىنجاڭ ئونۋىرسىتى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئنىستىتوتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە داڭلىق كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇروپ ،ماگىستىر ،ئاسپىرات،تولوق كۇرۇس،ئالىي تىخنىكوم قاتارلىق 6تۇرنى ئوزئىچىگە ئالغان مائارىپ قاتلىمى، ئىشتىن ئايرىلىپ ، ئىشتىن سىرىت ، سىرىتتىن ئوقۇتوش،دەم ئىلىش كۇنى ئوقۇتوش تۇزومى قاتارلىق 5خىل يىراق مۇساپە ئوقۇتوش شەكىلىنى بەرپا قىلغان . مەكتەپ شتاتى 1999.322-يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 266نەپەر. ئوقوغۇچى سانى 4228نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى