سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1955 - يىلى 9 -
ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان. مەكتەپ نامى سانقى ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 1966 - يىلى <
7 - ماي> ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1982 - يىلى مىللىي، خەنزۇلار ئايرىلىپ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ
قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1995 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ ھازىرقى نامى قوللىنىلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 88000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى
217000 كۋادرات مېتىر. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1846 نەپەر. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 194 نەپەر.