UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپى<شىنجاڭ مىللەتلەر مائارىپى تەتقىقاتى>

<شىنجاڭ مىللەتلەر مائارىپى تەتقىقاتى>

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى شىنجاڭ مائارىپى تەتقىقات ئورنى تۈزگەن. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1994 - يىلى نەشر قىلغان. بۇ كىتابقا شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان دەسلەپكى 10 يىل ئىچىدىكى مىللىي مائارىپقا ئائىت ۋەكىل خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچە مەزمونلار 1987 - يىلدىن بۇيان مائارىپ تەتقىقات ئورنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەتقىقاتىنىڭ <يەتتىنچى بەش يىللىق> پىلانى مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەتىجىلەر ئىچىدە شىنجاڭدىكى يەتتە مىللىي شەھەرنىڭ مەكتەپتىكى بالىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەمدىكى ئەقلىي قۇۋۋەت سىنىقى ھەمدە نەتىجىسى توغرىسىدىكى تەھلىل، شۇنىڭدەك جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى ئېلىپ تەكشۈرۈشلەر مەكتەپ نەتىجىلىرى ۋە مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىسلاھات تەجرىبىلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتاب شىنجاڭ مىللىي مائارىپنىڭ ھازىرقى ھالىتى مەسىلىسىنى كۆپ تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا چارە - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى نەزەرىيىۋى ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدىكى <شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەقلى قۇۋۋەت تەرەققىيات ساپاسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى تەتقىقاتى> دا رۇيۋىن سىناق لايىھىسىنى ئىشلىتىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە قاتارلىق يەتتە مىللەتنىڭ 16 - 5 ياشقىچە بولغان شەھەر مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋەت تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ھازىرقى ئالاھىدىلىكى ھەمدە ئورتاق قانۇنىيىتىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، مىللىي بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرخىل ئامىللارنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چارە - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت تەتقىقات ساھەسىدىن ھالقىغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك بولغان سىناق بولۇپ، رايونىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسى ۋە مىللىي مائارىپنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىن ئەتتى. مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش قائىدىسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن قول سېلىپ، مىللىي مائارىپتىكى بىر قىسىم ئومۇمىي خاراكتىرلىك مەسىلىلەر ئېچىپ بېرىلگەن. ئوقۇتۇش ئىسلاھات تەجرىبىسىدە بولسا، ئاساسەن تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى چارە - تەدبىرلەرنى ئاساس قىلىپ، يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلغان. شۇڭا كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، تەجرىبىدىن كېيىن ياخشىلىنىش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان. بۇ مىللىي ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى ياخشى ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
<شىنجاڭ مىللەتلەر مائارىپى تەتقىقاتى> | UyghurWiki | UyghurWiki