UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ

قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى ئاتۇش شەھىرىىڭ بەخت يولىدا قۇرۇلغان. 1962 - يىلى يەرلىك مالىيە قىينچىلىقى تۈپەيلىدىن مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1965 - يىلى دېھقانچىلىق مەكتىپى قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، سەھىيە سىنىپى ئېچىلغان. 1971 - يىلى 11 - ئايدا مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن سەھىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان. 1973 - يىلى ئوبلاستلىق دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1984 - يىلى مەكتەپ مۇستەقىل شتاتقا ئىگە بۆلۈم دەرىجىلىك ئورۇن بولغان. 1984 - يىلى مۇئاۋىن ناھىيەدەرىجىلىك ئورۇنغا ئۆستۈرۈلگەن. 1988 - يىلى ناھىيە دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇقۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. 1993 - يىلى تېببىي مەكتىپى ئاتۇش شەھەر بەخت يولىدىن نۇرلۇق يولىغا كۆچۈرۈلۈپ قايتىدىن قۇرۇلغان. 1984 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى باھالاشتىن ئۆتكەن. مەكتەپ ئوبلاستتىكى ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئىلگىرىكى يالغۇز سىستېرالىق كەسپىدىن تەرەققىي قىلىپ دوختۇرلۇق، سىستېرالىق، تۇغۈت دوختۇرى، پىلانلىق تۇغۇت، ئانا - بالىلار ساقلىقى، يەرلىك كېسەللىك قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان ھەمدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە داۋالاش ئالىي سىستېرالىق مەخسۇس كۇرسى گۇۋاھنامە سىنىپلىرىنى ئاچقان، ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 30360 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 4172 كۋادرات مېتىر. بىئولوگىيە، خىمىيە، ئاناتومىيە، دىئاگنوز تەجرىبىخانىلىرى قۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، مەكتەپ قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بېرى قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا 1620 نەپەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېببىي خادىم تەربىيىلەپ بەرگەن. 1999 - يىلدىكى، ئوقۇتقۇچى 39 (ئالىي لېكتور ئالتە نەپەر، لېكتور 19 نەپەر، ياردەمچى لېكتور 10 نەپەر) نەپەر، ئوقۇغۇچى 611 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى