UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئاساسىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى

ئاساسىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى - يىلى 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) يېزا (بازار، مەيدان) تۆت دەرىجىلىك مەكتەپ قۇرۇپ، تۆت دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇشنى بۇنىڭدا يەنە ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىنى ئاساس قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان. يېزا (بازار، مەيدان) نىڭ باشقۇرۇشىدا ھەر خىل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر، يېزىلىق مەركىزىي بالىلار باغچىسى، دېھقان - چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە تولۇقسىز كەسپىي مەكتەپلەر بولغان. ناھىيە (شەھەر) لەر بولسا بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى، بالىلار باغچىسىنى، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارغا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىش كۇرسلىرنى، مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەرنى باشقۇرغان. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەر بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ، بالىلار باغچىلىرى، گاس - گاچىلار ئالاھىدە مائارىپى مەكتىپى قاتارلىقلارنى باشقۇرغان. ئاساسىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئۆتمۈشتىكى ئاساسىي مائارىپنى ھەدىدىن زىيادە مەركەزلىك باشقۇرۇش، ھەدىدىن زىيادە كۆتۈرۈپ ئېلىش، ھەدىدىن زىيادە ئۆلۈك باشقۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى