ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1946 -
يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان قىزلار 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە كېيىن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك 2 - دارىلمۇئەللىمىن ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1962 - يىلى قوشۇلۇپ،
مىللىي، خەنزۇ ئارىلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان. 1980 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 47123
كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 9782 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى
تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى ياخشى باشقۇرغاندىن باشقا يەنە قوش تىلىق تەجرىبىنى، خەنزۇ تىلى كۈچەيتمە سىنىپىنى، ھەم پۇتبول، مۇزىكا،
ئۇسسۇل، رەسىم قاتارلىق ئالاھىدە سىنىپلارنى تەسىس قىلىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن،
مەكتەپ تەنتەربىيە ئەنئەنىۋىتۈر مەكتىپى، يېشىل مەكتەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى
مەدەنىيەتلىك ئورۇن دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 302 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى
155 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 47، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 2400 نەپەر.