UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپى

قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سابىق قەشقەر ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق تەنتەربىيە مەكتىپى. تەنتەربىيە ئوتتۇرا مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكەپ بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 59940 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھەرخىل تەنتەربىيە مەشىق ئەسلىھەلىرى تولۇق. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىدۇ، مەكتەپتە ئېچىلغان تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن يېنىك ئاتلېتكا، پۇتنول، ۋالىبول، ۋاسكىتبول، قارىغا ئېتىش، ئوقيا ئېتىش، بوكسىيورلۇق، خەلقئارالىق چېلىشىش قاتارلىقلار بار. يەنە 28 خىل مەدەنىيەت ئاساسىي دەرسى ۋە كەسپىي تېخنىكا دەرسى ئېچىلغان، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 885 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ كەسپىي كوماندىلىرىغا 96 نەپەر مۇنەۋۋەر تەنتەربىيىچىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. مەملىكەتلىك ھەمدە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە 35 نەپەر ئوقۇغۇچى تونۇشتۇرغان. ۋىلايەت ئۈچۈن 260 دەك تەنتەربىيە تايانچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. 1993 - يىلدىكى مەملىكەتلىك 7 - نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىدا، ئۈچ نەپەر ماھىر قەدىمچە چېلىشىشنىڭ 52 كىلوگراملىقلار تۈرىدە ھەمدە ئەركىن چېلىشىشنىڭ 82 كىلوگراملىقلار تۈرىدە بەشىنچى ۋە ئالتىنچىلىكنى ئالغان. مەكتەپ ئوغۇللار ۋالىبول كوماندىسى 1992 - يىلى ئاپتونوم رايونغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتەپلىرىنىڭ ۋالىبول مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىكنى ئالغان. ئوغۇللار رۇداۋچە چېلىشىش كوماندىسى ئەزاسى ئاپتونوم رايونغا ۋەكىل بولۇپ، 1990 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياشلار رۇداۋچە چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 78 كىلوگراملىقتا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ياشلار تەنتەربىيە يىغىنىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كوللېكتى ئومۇمى نۇمۇرى بويىچە بىر قېتىم بىرىنچى، ئىككى قېتىم ئىككىنچىلىككە ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجە قازانغان، ئاپتونوم رايونلۇق سەككىزىنچى نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنى ۋە توققۇزىنچى نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىدا كوللېكتىپ نومۇردا ئىككىنچى، ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 1983 - يىلى، 1988 - يىلى، 1992 - ۋە 1996 - يىللىرىدا تۆت قېتىم مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك ئىشتىن سىرتقى چېنىقىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى 28 نەپەر، تېرنېر 28 نەپەر (بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئىككى نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 13 نەپەر، ئالىي تېرنېر بىر نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېرنېر 12 نەپەر، ياردەمچى تېرنېر 15 نەپەر) نەپەر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 265 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki