ئوقۇتقۇچى
شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى
ئۆزىنىڭ بىلىمى، پاراسىتى ۋە ئەخلاق پەزىلىتى ئارقىلىق تەبىيىلەنگۈچىلەرگە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش
تەجرىبىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن ھەر خىل ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگۈچى ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ۋە مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ۋاستىچىسى ھېسابلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان بولۇپ، قەدەىمكى جۇڭگودا ئۇستاز دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتدىكى مەڭگۈلۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئوقۇتقۇچى دېگەنلىك مەخسۇس ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن ئايرىلىپ مەمۇرىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتۇش خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق
پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. 1999 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار سانى 234100 كىشىگە يەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 58.30 پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدا 7516 نەپەر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بار (ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 3011 نەپەر بولۇپ، ئۇمۇمىي ساننىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ) ئۇنىڭ ئىچىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخنى ھازىرلىغانلار
1147 نەپەر بولۇپ، ئومۇمى ساننىڭ 15.3 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرى 3142 نەپەر (ئۇنىقڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 792 نەپەر، ئومۇمىي ساننىڭ 25.2 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى بارلار 61 نەپەر، ئۇلار ئۇمۇمىي ساننىڭ 1.9 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ؛ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچى 7229نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 3864 نەپەر، ئومۇمىي ساننىڭ 53.5 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 2580 نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 977 نەپەر بولۇپ ئومۇمىي ساننىڭ 37.8 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلىرى 15673 نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت
ئوقۇتقۇچىلىرى 7555 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 48.2 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 56522 نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 33740 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 59.7پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، باشلانغۇچ مەكتەپ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلىرى 126401 نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 81919 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 64.8 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى سانى 3158 نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 1015 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 32 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، كەسپىي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار سانى 440 نەپەر (ئۇنىڭ
ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 348 نەپەر بولۇپ ئومۇمىي ساننىڭ 79 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، بالىلار باغچىسى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلىرى سانى 9172 نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 1970 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 21.5 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ)، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار سانى 171 نەپەر (ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 31 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 18 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ). پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخ لاياقاتلىك بولۇش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 96.8پىرسەنت، 86.96 پىرسەنت، 52.71پىرسەنتگە يەتكەن. پۈتۈن ئاپتونوم
رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار سانى ھەرخىل مائارىپنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇردى.