UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى - يىلدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كادىرلار مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1957 - يىلى مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ مالىيە سودا مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. 1959 - يىلى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1962 - يىلى مەكتەپ تاقىلىپ، 1980 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1988 - يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، بۇ مەكتەپ بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئالىي ئىقتىساد كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيىلەيدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مالىيە ئىقتىساد تىپىدىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بوغالتىرلىق، پۇل مۇئامىلە، بازار، مالىيە ئىقتىساد، سودا سانائەت باشقۇرۇش، سىتاتىستىكا ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش، قانۇن، ئىقتىساد قاتارلىق سەككىز فاكۇلتېت، ماركسىزم - لېنىنىزم كافىدراسى، ئاساسىي بۆلۈم، خەنزۇ تىلى تەتقىقات بۆلۈمى، كومپيۇتېر مەركىزى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە گۈزەللىك تەربىيىسى تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئاساسىي ئوقۇتۇش بۆلۈملىرى، بىر چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى ۋە ئىشتىن سىرت ئوقۇش بۆلۈمى بار. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئىقتىساد ئېچىۋېتىش تەتقىقات ئورنى ۋە يۇمشاق پەنەنلەر تەتقىقات ئورنىدىن ئىبارەت ئىككى تەتقىقات ئورنى ۋە بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، مال - مۈلۈكنى باھالاش ئورنى ۋە مۇپەتتىش قىلىش بۆلۈمى قاتارلىق ئۈچ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئورنى بار. نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە ئىلمى، ستاتىستىكا ئىلمى، مالىيە ئىقتىساد ئىلمى، سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىق 11 تولۇق كۇرس كەسىپلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرى، كاسسىرلىق، پۇل مۇئامىلە ماگىستىرلىق نۇقتىسى بار. مەكتەپ ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىش كۆز قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى پۇختا سېلىش، ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋېتىش، ئەمەلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىش، تەدبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردى. جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەپ قوشۇمچە كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى بىلەن دۆلەتلىك ئىمتىھانلار تۇتاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ شىنجاڭ ئىمتىھان نۇقتىسىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىندى. ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتا، ئوقۇش نومۇر تۈزۈمى ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2 -، 3 - بۆلەكلىك خەنزۇ تىلدا ئوقۇتۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 240000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇشى كۆلىمى 48066 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 450000 پارچە بولۇپ، كومپيۇتېرلىق باشقۇرۇش ۋە توردا تەكشۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئىنستىتۇتتا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان چوڭ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات سايمانلىرى بار، بىر قەدەر چوڭ كۆلەمگە ئىگە كومپيۇتېر مەركىزى تورى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتال سىستېمىسى بار بولۇپ، ئىنتېرنېت تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. تىل تەجرىبە ئىشخانىسى ئالتە، كەسپىي تەجرىبىخانا تۆت، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزۇر سىستېمىسى ۋە سىنالغۇ سۈرەتلىرىنى تەھرىرلەش سىستېمىسى بار. 1994 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دەرسلىك تېمىسىدىن 69 خىل تەتقىقات تېمىسىنى ئۈستىگە ئالدى، قاتناشتى ۋە تاماملىدى. نەشىردىن چىقارغان ئەسەر 78 پارچە، ھەر خىل گېزىت - ژۇرناللار ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە 2000 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوندا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەكتەپ تەھرىرلەپ نەشىردىن چىقارغان <شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسادىي> دېگەن ژۇرنالنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاتتى. مەكتەپ ياپونىيە، ئامېرىكا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق چەت ئەلدىكى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەرخىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ياپونىيە ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان ۋە ئۆز ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشكەن. مەكتەپ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى. 1997 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئوقۇتۇشنى ئۇنىۋېرسال باھالىشىدىن ئۆتۈپ مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن لاياقەتلىك مەكتەپ دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 880 نەپەردىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەتتىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 472 نەپەر، مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 160 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 5681 نەپەر ( چوڭلار مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرى 1750 نەپەر). مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە 40000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى