UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى مەكتىپى

شىنجاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ساي يولىدا قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 43707 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 17106 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال مەكتەپ. ئوقۇتۇش خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىدارىسىگە تەۋە. مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومى، تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 4 قاتلامدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوقۇش يىلى ئۈچ يىل، سېمونت سانائىتى، سېمونت ياساش، ماشىنىسازلىق رېمونتچىلىقى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سانائەت بۇغالتىرلىقى قاتارلىق 16 خىل كەسىپۋە تېخنىكا تۈرى، ۋۇخەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترلەشكەن مائارىپى بويىچە سىرتتىن ئوقۇتۇش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. مەكتەپشتاتى 163 نەپەر. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 104 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1090 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر 5000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتاقان كىتاب 40000 دىن ئارتۇق.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki