UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقۇمۇل ۋىلايەتلىك سانائەت مەكتىپى

قۇمۇل ۋىلايەتلىك سانائەت مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى 1 - ئايدا ئەسلىدىكى ۋىلايەتلىك تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان. قۇمۇل تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن ئىككى ۋىۋىسكا بىر يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسى بولۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان. قۇمۇل تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى 1975 - يىلى قۇرۇلغان. 1994 - يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.1996 - يىلى مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇ يىلى يەنە دۆلەتلىك ئەمگەك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈم دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال كەسپىي تەربىيىلەش بازىسىنىڭ سىناق ئورنى قىلىپ بەلگىلىگەن. 1997 - يىلىنىڭ ئاخىرى قۇمۇل ۋىلايىتى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى ۋىلايەتلىك مالىيە سودا مەكتىپى، سودا مەكتىپى، ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىقلار ۋىلايەتلىك سانائەت مەكتىپى، تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان. بۇ مەكتەپ ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ، پارتىيە، مەمۇرىي، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق تەشكىلىي قاتارلىق تەشكىلى ئاپپاراتلىرى تولۇق. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 106560 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 3699 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. 15 كەسىپ يولغا قويۇلغان. بۇ مەكتەپتە كومپيۇتېر، تىل، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ، مودېل، چېرتىيوژ سىزىش قاتارلىق كەسىپلەر ئۈچۈن مەخسۇس دەرسخانا، پراكتىكا مەيدانى، ئاشپەزلىك، سودا، ماشىنا رېمونت قىلىش قاتارلىق ئاساسى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان دەرسخانا ۋە ماشىنا ھەيدەش مەشق مەيدانى بار. ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. مەكتەپتە يەنە دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بار. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ>، <مەملىكەتلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىدىكى ئىلغار ئورۇن>، <مەملىكەتلىك تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەش، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار ئورۇن>، <مەملىكەتلىك تازىلىقتا ئىلغار ئورۇن> دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن. بۇ مەكتەپ يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن 6000 نەپەردىن كۆپ ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. مەكتەپ شتاى 188. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى 100 نەپەر (ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 16 نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئونۋانى بارلار 50 نەپەر. تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 26 نەپەر). ئوقۇغۇچى سانى 950 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
قۇمۇل ۋىلايەتلىك سانائەت مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki