UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئەمەلدارلار مەكتىپى

ئەمەلدارلار مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئەمەلدارلارنى تەربىيلەيدىغان ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى بولۇپ، 1803 - يىلى ئىلى جياڭجۈنى سۇڭجۈن ئىلىنىڭ خۇييۇەن شەھىرىدە قۇرغان. ئوقۇغۇچىلارنى گازارما مەكتىپى، تەييارلىق مەكتىپى ۋە سەككىز تۇغلۇق ئارمىيە ئىچىدىن تاللىغان. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان مانجۇ ۋە خەنزۇلاردىن تاللانغان. <پەندى - نەسىھەت>، مانجۇ تىل - يېزىقى، فېئودال ئەدەپ - ئەخلاق ئوقۇتۇش مەزمۇنى قىلىنغان. گازارمىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ <مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئاساسىنى ئورنىتىش> نى مائارىپنىڭ مەقسىتى قىلغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى