UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپى<ئىككى ئاساسەن>

<ئىككى ئاساسەن>

شىنجاڭ مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار پارتىيىنىڭ 14 - قۇرۇلتىيىدا: مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش نىشان قىلىنىدى. بۇ قىسقارتىلىپ <ئىككى ئاساسەن> دېيىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە <9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسى> ۋە <ناھىيە دەرىجىلىك ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلار ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئورگىنىنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى> بەلگىلەندى. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى <چارە> گە ئاساسەن تەشكىللەشكە مەسئۇل بولدى، مائارىپ تارماقلىرى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ <ئىككى ئاساسەن> خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى. 1999 - يىلىغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 55 ناھىيە (شەھەر، رايون) ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئىككى ئاساسەن> نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. بۇ رايونلارنىڭ نوپۇسى 39. 917 تۈمەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون يەرلىك نوپۇسنىڭ 58.53 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
<ئىككى ئاساسەن> | UyghurWiki | UyghurWiki