UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مائارىپ ئىنستىتۇتى

ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مائارىپ ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى چوڭلار مائارىپى - يىلى 12 - ئايدا ئاپتونوم رايون ۋە تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئەسلى نامى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارسى ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى. 1984 - يىلى 7 - ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى مائارىپ ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىغا بىۋاستە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. تەسىس قىلىنغان كەسىپلەر: خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، كاتىپلىق، ئىدىيە - سىياسىي، بارلىلار مائارىپى، مائارىپ باشقۇرۇش، ئومۇمىي پىسخولوگىيە، كومپيۇتېر ۋە ئۇنى قوللىنىش، ماتېماتىكا ئاساسلىرى، قوللىنىشچان ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئېنگلىز تىلى، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد، بوغالتىرلىق قاتارلىقلار. قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىدارىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قارىتا ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق بەش خىل كەسىپ بويىچە ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى ئېلىپ بارغان. تەربىيىلگەن مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچى 816 نەپەر. دارىلمۇئەللىمىن، بالىلار پېداگوگىكا سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 383 نەپەر. مەكتەپ يەر كۆلىمى 61342 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 5844 كۋادرات مېتىر. كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتاب 100000 پارچە.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى