خەنزۇ تىلى مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىغان
مەكتەپ بولۇپ، بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن بالىلار ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنۈپ ئوقۇغان. بىرىنچى باسقۇچتا <مىڭ خەتلىك ئوقۇشلۇق، ئۈچ خەتلىك دەستۇر> قاتارلىقلارنى ئوقۇغان. ئىككىنچى باسقۇچتا <ۋاپادارلىق دەستۇرى> قاتارلىقلارنى ئوقۇغان. ئۈچۈنچى باسقۇچتا <ئالتە دەستۇر> نى ئوقۇغان. 1880 - يىلى بۇ خىل مەكتەپتىن پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە جەمئىي 37 سى قۇرۇلۇپ بولغان.