قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش ئالىي مەكتەپنىڭ
بىرى ئىدى. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەت تۆت فاكۇلتېت، تۆت كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 132 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچىسى بار
ئىدى. 1978 - يىلى 8 - ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 156700 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 120000 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئۇيغۇر
ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. تولۇق كۇرس كەسپىي سىنىپى 12، يەنى، ماتېماتىكا، ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە،
تەنتەربىيە، ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە، ئاز سانلىق مىللەت تىل - ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، بىئولوگىيە، تارىخ، ئىنگلىز تىلى
قاتارلىقلار. 17 مەخسۇس كۇرس كەسپى بار بولۇپ، ئۇلار كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ماتېماتىكا ۋە ئەمەلىي ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، تارىخ،
خىمىيە، سىياسىي مائارىپ، مۇزىكا، تەنتەربىيە، فىزىكا، جۇغراپىيە، ئاز سانلىق مىللەت تىل - ئەدەبىياتى، رۇس تىلى، مائارىپ ئىلمى،
كاتىباتلىق، ئىنگلىز تىلى قاتارلىقلار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 570000 پارچىدىن ئارتۇق. <قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي
ژۇرنىلى> (دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلىدۇ) نەشر قىلىنىدۇ. ئىنستىتۇتى كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق <مىللەتلەر
ئىتتىپاقىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇن>، <مەنىۋى مەدەنىيەتتىكى ئىلغار كوللېكتىپ> بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلى
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 931 نەپەر (رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىرى 464 نەپەر، پروفېسسور، دوتسىنت 217 نەپەر، لېكتور 270 نەپەر). ئوقۇغۇچى
سانى 6797 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 5573 نەپەر. چوڭلار مائارىپ كەسپىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1224 نەپەر. چەت
ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 18 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچى سانى 2547 نەپەر.