ئۈچ ۋىلايەت مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
بۇ ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايلارنىڭ مائارىپىنى كۆرسىتىدۇ. 1944 - يىلى كۈزدە شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي
پارتلاپ، 12 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.
1946 - يىلى 1 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان. ئەمما ئۈچ ۋىلايەت ئەمەلىيەتتە نىسبىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان، ئۇنىڭ مائارىپىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان، شۇڭا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت مائارىپى دەپ ئاتالغان. 1948 ~ 1949 - يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت تەۋەلىكىدىكى تۆت يىللىق ۋە يەتتە يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانى 545 كە يېتىپ، 1831 سىنىپ، 56 مىڭ 982 ئوقۇغۇچى، 2059 ئوقۇتقۇچىغا ئىگە بولغان.