<شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى>
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى
شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى تەسىس قىلغان. شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى تەھرىرلەپ نەشر قىلدۇرغان سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي ژۇرنىلىدىن ئىبارەت. خەنزۇچە نەشرى 1980 - يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. 1980 - يىلدىن 1985 - يىلغىچە ھەر يىلى قەرەلسىز بىر سان نەشر قىلىنغان. 1986 - يىلى يېرىم يىللىق ژۇرنالغا، 1987 - يىلى پەسىللىك ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئاشكارا تارقىتىلىشقا باشلىغان.
جۇڭگو ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى
ISSN1008-9934-CN65-5011/T
ھازىرغا قەدەر جەمئىي 19 توم 50 سان نەشر قىلىنغان بولۇپ، 800 پارچىدىن
ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلى نەشرى 1987 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىر يېرىم يىللىق ژۇرنال بولۇپ، دۆلەت ئىچى -
سىرتىدا ئاشكارا تارقىتىلىدۇ. جۇڭگو ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى
ISSN1008-9934-CN65-5011/T-W
ھازىرغىچە جەمئىي 13 توم 19 سان نەشر
قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر 250 پارچىدىن ئارتۇق. بۇ ژۇرنالدا ئاساسلىق ماشىنىسازلىق، قۇيمىچىلىق،
ئاپتوماتىك كونترول قىلىش، ئېلېكتر ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئېلېكتر كۈچى سىستېمىسىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، كومپيۇتېر ئىلمى، يەر شارى
ئىلمى، بايلىق ۋە مۇھىت، بىناكارلىق، بىناكارلىق ماتېرىيالى، ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك خىمىيە، خىمىيە سانائەت ماشىنىسازلىقى،
توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك لايىھىلەش، يېمەكلىك ئىلمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرى، مەخسۇس تېمىلىق
ئوبزور، تەجرىبە دوكلاتلىرى ۋە ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق ئۇل پەنلەر توغرىسىدىكى تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىش بىلەن
بىرگە يەنە فىلولوگىيە ئىلمى ھەمدە ئەڭ يېڭى ياقا پەنلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ.