UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەكتىپى

شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1958 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. 1997 - يىلى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مائارىپ مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى، كادىرلار تەربىيىلەش مەركىزى، ئىشچى - خىزمەتچى تەربىيىلەش مەركىزى، كەپشەرلەش ئىشچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆلچەش پونكىتى، يېزا مانتيورلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان كونسۇلتاتسىيە مەركىزى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. قۇرۇلۇش كۆلىمى 46853 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن فىزىكا، خىمىيە، مانتيورلۇق، ئېلېكترون، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ئاسراش ۋە ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلار، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، پار قازان، گاز ئايلاندۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق تەجرىبىخانا ۋە پراكتىكا زاۋۇتى بار. نۇقتىلىق كەسپىلەردىن ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ھەرىكەتچان ئۈسكىنىسى قاتارلىقلار بار. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى ئاساس، ئۇيغۇر تىلى قوشۇمچە قىلىنىدۇ. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1751 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 281 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 128 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 8 نەپەر، 1983 - يىلدىن بۇيان 5014 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki